[3+1][ھۆنەر]مۇندەرىجە خاسلىقى يوشۇرۇن بولۇپ قالسا - [كومپىيۇتىر بىلىملىرى] |
ھازىر ۋېروسلارنىڭ كۆپىيشىگە ئەگىشىپ نۇرغۇن تورداشلىرىمىزنىڭ كومپىيۇتېرىغا ۋېروس يۇققان ۋە ھەر قايسى پەنلەردىكى خاسلىقى يۇشۇرۇن قىلىپ قويغان مۇندەرىجىلىرىنى تاپالماي تاپقان تەغدىردىمۇ خاسلىقىدىن ئۆزگەرتەي دىسە تاللىغىلى بولمايدىغان كۈلرەڭ ھالەتكە كېلىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ قىينالغانلار يوق ئەمەس ئەلۋەتتە، تۆۋەندە مەن مۇشۇنداق خاسلىقىنى ئۆزگەرىتكىلى بولمايدىغان ياكى يۇشۇرۇن بولۇپ قېلىپ ئىزدەپ تاپالمايۋاتقان مۇندەرىجىڭىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇسۇلىنى سۆزلىمەكچىمەن.
1- قەدەمدە 开始 تىزىملىكىدىن 运行 گە cmd دىگەن بۇيرۇقنى كىرگۈزۈپ windows نىڭ DOS بۇيرۇق ئىجىراچىسىنى ئاچىمىز،
2- قەدەمدە سىزنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولغان مۇندەرىجىڭىز قايسى رايۇندا بولساDOS بۇيرۇقى بىلەن ئاۋال شۇ رايۇننى ئاچىمىز ، يەنى يۇشۇرۇن مۇندەرىجىڭىز D:\ دە بولسا D: دىگەن بۇيرۇقنى كىرگۈزۈپ Enter نى بېسىپ ئىجىرا قىلساق D:|> دىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشىمىز.
3- قەدەمدە ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۇيرۇقى يەنى attrib /s /d -s -h دىگەن بۇيرۇقنى كىرگۈزۈپ Enter نى بېسىپ ئىجىرا قىلسىڭىزلا ئاپتۇماتىك ھالدا مۇندەرىجىڭىزنىڭ خاسلىقىنى ئۆزگەرتىشكە باشلايدۇ.
بۇ مېنىڭ بۇرۇنتىن ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئۇسۇلۇم ئىدى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكەن ھەقىقىي ئىشلىتىش قىممىتى بار ھۆنەر، ئالدىنقى قېتىم بىر توردىشىمىز مۇشۇ ئەھۋالغا يولۇقۇپ سەينادىن ياردەم سوراپتىكەن مەن ئۇنىڭغا چاقچاق تەرىجىسىدە Winrar دا ئاچسىڭىز كۆرەلەيسىز دىگەن ئىدىم ئەسلى بۇنى دەرىسلىك ئىشلەپ يوللىماقچى ئىدىم لېكىن دەرىسلىك ئىشلەشكە ۋاقىت يەتمىدى شۇڭا يازما ھالەتتە يوللىدىم كۆپچىلىك ئورتاق ئۆگىنەيلى، ئىشلىتەيلى............
ھاسىلات:
Microsoft Windows XP [版本 5.1.2600]
(C) 版权所有 1985-2001 Microsoft Corp.
C:\Documents and Settings\Administrator>D:
D:\>attrib /s /d -s -h
无法更改属性 - D:\autorun.inf\病毒免疫目录不要删除!.
无法更改属性 - D:\RECYCLED\S-1-5-21-1060284298-811497611-11778920086-500\INFO2\D
i1
拒绝访问 - D:\~1\C_PAN.GHO
拒绝访问 - D:\~1\c_pan.txt
拒绝访问 - D:\System Volume Information
拒绝访问 - D:\~1
D:\>
مانا بۇ مەن ئۆز كومپىيۇتېرىمنى سىنىغاندىن كېيىنكى ھاسىل بولغان نەتىجە....
مەنبە : ئىنتىل سەيناسى .
ئىنكاسلارنى كۆرمەكچى بولسىڭىز :ئادىرىسى : http://www.intil.cn/bbs/ShowPost.asp?ThreadID=4653
