قىز ھەسرىتى..... - [ئەدەبىيات سەنئەت] |
قىز ھەسرىتى.....
كىمگە قۇچاق ئاچقانتىڭ قىزچاق،
كىمنى سۆيۈپ خىيال سۈرىسەن.
گۈل تۈۋىدە يالغۇز ئولتۇرۇپ،
كۆزىڭدە ياش كىمنى كۈتىسەن.
جۇت بېسىپتۇ بېغىڭنى بالدۇر،
خازان قىلدىڭ گۈلۈڭنى نىچۈن.
نىمە ئۇنداق ھەسرەت چىكىسەن،
ساقلىغانتىڭ زادى كىم ئۈچۈن.
تەقدىرىڭدىن ئاغرىنما ھەرگىز،
كۆز يېشىڭنى سۈرتىۋەت ئەمدى.
كۈتۈشلەردەسارغايدى ئارمان ،
كۈتكەنلىرىڭ كەلمەسكە كەتتى.
رىئاللىققا سىڭىپ كەت بولدى،
ياشلىقىڭدا كۈلۈپ ياشنىغىن.
بەخىت دىگەن كۈندە كەلمەيدۇ،
بەخىتلىك بول خۇشال ياشىغىن.
مەنبە :http://www.uighurboy.com
