قەلبىمنى قەبرىگە كۆمگەن سەن ئۆزۈڭ - [ئەدەبىيات سەنئەت] |
قەلبىمنى قەبرىگە كۆمگەن سەن ئۆزۈڭ
قايسى چاغ قەلبىمگە كىردىڭ شەپىسىز،
مۇھەببەت ئوتىنى ياققانتى كۆزۈڭ.
بۇ كۆڭلۈم بىر پەقەت ساڭىلا تالىق-
سۆيىمەن ئۆلگىچە دىگەنتىڭ ئۆزۈڭ.
ۋە لىكىن سۆيگۈمگە قىلدىڭ ئاسىيلىق،
سۆيگۈنىڭ پاكلىقى نەلەردە قالدى؟
ۋىجدانىم غورۇرۇم ئەيلىدىڭ خازان،
قىلمىشىڭ يۈرەكنى ئازاپقا سالدى.
كەچۈر دەپ ئالدىمدا تىزلانما ئەمدى،
بولدى بەس كۆڭلۈڭنى قىلمىغىن ئىزھار.
قەلبىمنى قەبرىگە كۆمدۈڭ سەن شۇ تاپ،
سۆيگۈڭدىن تەسەللى تاپماسمەن زىنھار.
خەيىر-خوش مۇھەببەت ئەلۋىدا ساڭا،
كۈتمەسمەن سېنىڭدىن قىلچىلىك ۋاپا.
بىلمەستىن ئەسلىڭنى سۆيگەن بولسام گەر،
باركەنتۇق ئەسلىدە ئۆمۈرلۈك جاپا.
يېڭى يىل بېغىشلار يېڭىچە سۆيگۈ،
ئارمانلار ئىلكىدە باخاشلاي ئۈمۈت.
نامەرىتكە سۆيگۈمنى بەرمەسمەن ئەمدى.
روھىمدىن ھالقىيمەن قىلماسمەن سۈكۈت.
مەنبە :http://www.uighurboy.com
