• تور ۋە قاتتىق دىسكىنىڭ قاتىلى 迅雷 - [تور بىلىملىرى]

    تور ۋە قاتتىق دىسكىنىڭ قاتىلى 迅雷

    شۈنلېي (迅雷) بولسا بىر چوڭ شىركەت، يەنە تېخى google نىڭ نەزىرىگىمۇ ئېرىشكەن. مۇشۇنداق بولغانىكەن پائال ئالغا ئىلگىرلەپ، ئابونتچىلار ئۈچۈن تىرىشىپ مۇلازىمەت قىلىسا توغرا بۇلاتتى! بىراق، يېقىنقى يېڭى نەشىرلىرىدە ھەقىقەتەنمۇ كۆپ مەسىلىلەر ساقلانغان بولۇپ، ئابونتچىنىڭ كومپيۇتېرىغا زىيان سېلىپلا قالماستىن، ھەتتا ئابونتچىىنىڭ ھوقۇقىغىمۇ دەخلى قىلغانىدى.   
    تۈۋەندە Monyer ئىسىملىك بىر تورداشنىڭ بايقىغان بىر قىسىم مەسىلىلىرىنى تەرجىمە قىلىپ چىقتىم:
    1. شۈنلېي (迅雷) ئابونتچىغا مەلۇم قىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا چۈشۈرۈپ بولغان بارلىق ھۆججەتنى BT 共享 ياكى BT Share يەنى، BT لارنىڭ ئورتاق بەھىرلىنىشىگە ئېچىۋېتىدۇ.
    ئەمەلىيەتتە مېنىڭ ئىلگىرى چۈشەنگىنىم، شۈنلېي (迅雷) بولسا بىر P2SP چۈشۈرۈش قورالى ئىدى. مۇنداقچە ئىېيتقاندا، بىر خىل ھۆججەتكە نىسبەتەن كۆپ مۇلازىمىتىردىن كۆپ يول بىلەن چۈشۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىلگىرىكى FlashGet 网际快车 نىڭ بىر(يەككە) مۇلازىمىتىردىن كۆپ يول بىلەن چۈشۈرگەندىن جېق كۈچلۈك ئىدى(ھازىر ئىسمى ئۆزگەرتىلگەن Flash Get نىڭمۇ مۇشۇنداق شۈنلىينىڭكىدەك ئىقتىدارى بار بولۇپ، شۈنلېيدىن ھەرگىز قېلىشمايدۇ). بۇنداق بۇلۇشنىڭ سەۋەبى شۈنلېي يەككە مۇلازىمىتىرنىڭ ئېقىم چەكلىمىسىگە ئۇچىرىمايدۇ. 1q<`W  
    بىراق مەن يېقىندا ھېچقانداق تور مەشغۇلاتى قىلمىغان ئەھۋالدىمۇ كەڭ بەلۋاغ مودىمىنىڭ كۆرسەتكۈچ چىرىغىنىڭ توختىماي چاقناپ تۇرغىنىنى بايقاپ قالدىم-دە، ئىختىيارسىزلا ھەرقايسى ئىجرا بولۇۋاتقان تور پروگراممىلىرىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردىم. نەتىجىدە، مەن ئىزچىل P2SP چۈشۈرۈش قورالى دەپ قاراپ كەلگەن شۈنلېي جىمجىتلا P2P نىڭ قىلمىشىنى قىلىۋاتقانىدى. 5<N=F]D{W  
    bitcomet ۋە emule ئىشلىتىپ باققانلار چوقۇم بىلىدۇ، ئۇلارنىڭ تەڭشەش سەپلىمىسىدە 监听端口 (ئېغىزنى نازارەت قىلىش) ۋە 磁盘缓存 (دىسكا خۈەنسۈن) دىگەن ئىككى تۈر بار. ئەڭ يېڭى Web شۈنلېيدىمۇ 磁盘缓存 دىگەن تۈر بار، بىراق پەقەت شەكىلدە بار، ئەمەلىيەتتە بولسا ساختا؛ بۇ تۈر بىلەن Web شۈنلېينىڭ P2P مەشغۇلاتىنىڭ قىلچىمۇ مۇناسىۋىتى يوق(بىردەمدىن كىيىن سىز شۈنلېينىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ سىزنىڭ قاتتىق دىسكىڭىزنى بۇزىدىغان باش جىنايەتچى ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىسىز). شۈنلېي كومپىيۇتېرنىڭ ئېغىزىنى نازارەت قىلىۋاتقانلىقىنى سىزگە ئېيتمايدۇ، بىراق بۇنداق قىلىشى ھەقىقەت. شۈنلېي نازارەت قىلىدىغان ئېغىز دەل 3077 . مۇداپىئە توسىقى ئىشلىتىۋاتقانلار ئېچىپ كۈرۈپ باقساڭلار بولىدۇ. Be9L[SN  
    2M1K<A*jH  
    چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈشكە تىگىشلىكى، مەن ھازىر شۈنلېينىڭ يېڭى ئىقتىدارى bt دىن ئەمەس بەلكى، http دىن چۈشۈرۋاتىمەن. مەن ئويلاپ قالدىم، ئۇلار بۇنى نىقاب قىلىپ تېخىمۇ چوڭ ساختا ئىشلارنى قىلىش زۆرۈر بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ. ئەلۋەتتە بۇلارنى قىزىقىدىغان دوستلار ئۆزى سىناپ باقسا بولىدۇ، ئىش دەل مەن سۆزلىگەندەكمۇ ياكى باشقىچىمۇ؟ تۈۋەندە FlashGet ۋە باشقا پروگراممىلارنىڭ قانداق چۈشۈرىدىغانلىقىنى كۈرۈپ باقىلى:
       
    ئەمەلىيەتتە مەزكۇر كومپيۇتېرنىڭ يىراقتىكى كومپيۇتېرغا، يىراقتىكى كومپيۇتېرنىڭ مەزكۇر كومپيۇتېرغا قانداق ئۇلانغانلىقىنى بىلمىسىڭىزمۇ ھېچقىسى يوق؛ سىز ئىزچىل كۈرۈشكە تىگىشلىكى يوللىغان ۋە قوبۇل قىلغان ھۆججەت سىغىمى(بايت سانى). مۇلازىمىتىرنىڭ ھۆججەت چۈشۈرۈش ئېغىزى ئادەتتە 80، ھەرگىز 3077 ئەمەس. بەلكىم سىز شۈنلېي بىلەن 3077 ئېغىزىنىڭ مۇناسىۋىتى بارلىقىغا ئىشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن. ئۇنداقتا، سىز مەزكۇر كومپيۇتېر يىراقتىكى كومپيۇتېر بىلەن ئۇلانغان 3077 ئېغىزىنى ئىتىۋېتىپ بېقىڭ، قېنى سىزنىڭ شۈنلېيڭىز بۇرۇنقىدەك سۈرئەتتە چۈشۈرەلىدىمۇ؟
    سىز ئىشلەتكەن شۈنلېيدا ئىنتايىن چوڭ ئۆزگىرىش بولىدۇ، ئەكسىچە كىچىكلىمەيدۇ. سەۋەبى، P2P لىق ھۆججەت يوللىغاندا ناھايىتى كۆپ ئېقىم مىقدارىنى ئىگىلىۋالىدۇ، بۇ ئېقىم مىقدارى ھەرگىزمۇ ئابونتچى تەرىپىدىن بەلگىلەنمەيدۇ. بۇمۇ شۈنلېينىڭ ئابونتچى ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقىدۇر.
    2. شۈنلېينىڭ قاتىىق دىسكىغا بولغان بۇزغۇنچىلىقى
    شۈنلېي ئاغىزىدىن چۈشۈرمەي 磁盘缓存 تېخنىكىسى قوللاندۇق دەيدۇ. ئەكسىچە بۇمۇ پەقەت بىر نىقاب خالاس! بىر پروگراممىنىڭ ھەر سىكونتىغا قاتتىق دىسكىنى يۈزنەچچە قېتىم ئوقۇشى قاتتىق دىسكىنى ئاسرىغانلىق بۇلامدۇ؟!
       
    ئەلۋەتتە، ئوخشاشلا كۆرسىتىشكە تىگىشلىكى، مېنىڭ دىسكامنىڭ خۈەنسۈنى(磁盘缓存) بولسا 8192kb.
    بىز ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن FlashGet نى كۈرۈپ باقىلى: FlashGet نىڭ ئەسلىدىكى خۈەنسۈنى(缓存) بولسا 4096kb قا تەڭشەلگەن بولۇپ، چۈشۈرۈش سۈرئىتى شۈنلېينىڭ يۇقارقى ھالىتى بىلەن ئوخشاش.   
    يۇقارقىسى بولسا FlashGet نىڭ نەتىجىسى، ھالبۇكى، bt نى ئىشلىتىپ بىرلا ۋاقىتتا كۆپ ھۆججەت چۈشۈرگەن ۋاقىتتىكى ئۈنۈمى. قانداق، ئازراق پەرقىنى كۈرۈۋالالىدىڭىزمۇ؟
    ئەلۋەتتە سىزنىڭ يەنە ئىشەنمەسلىكىڭىزنىڭ سەۋەبى بار. ئەمما مەن كۆپچىلىكنىڭ ئۆزى قول سېلىپ سىناپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. filemon بىلەن بىر مۇداپىئە توسىقى بولسىلا كۇپايە. بىراق بۇنىڭ نەتىجىسى ھەقىقەتەن ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ. بىز شۈنلېينىڭ قاتتىق دىسكىنى بۇزۇۋېتىشنى ياكى bt قىلمىشىنى خاتا-، دىيەلمەيمىز. خاتا بولغىنى-ئالدامچىلىق ۋە كۆز بۇيامچىلىق. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزنىڭ IP ئادرېسىڭىزنىڭ سىرتقا ئاشكارلىنىپ كېتىشنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بۇلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟! ئاخىرىدا دەيدىغىنىم، شۈنلېي شىركىتىنىڭ ئابونتچىلارغا ئۇقتۇرماي تۇرۇپ چۈشۈرگەن ھۆججەتلەرنى BT نىڭ ئورتاق پايدىلىنىشىغا ئېچىپ بىرىشى؛ ئابونتچىنىڭ نۇرغۇن ئېقىم مىقدارىنى تارتىۋېلىشى؛ IP ئادرېسىنىڭ سىرتقا ئاشكارلىنىپ كىتىشى نەتىجىسىدە ئابوتچىنىڭ تور پائالىيىتى خەۋپ ئىچىدە قېلىشى قاتارلىقلار شۈنلېي شىركىتىنىڭ ئابونتچىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قىلچىمۇ كۆزگە ئىلمىغانلىقى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. cC% OQrI?  
    ئەڭ ياخشىسى شۈنلېي (迅雷) بولۇپمۇ web迅雷 نى ئىشلەتمەڭ. ئەگەر راستىنلا ئۇنىڭدىن ۋاز كىچەلمىسىڭىز 3077 ئېغىزىنى تاقىۋېتىپ تۇرۇپ ئىشلىتىڭ؛ ئىشلىتىپ بولۇپلا تاقىۋېتىڭ؛ چۈشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن ھۆججەت ئىسمىنى ئۆچۈرۋېتىڭ

    مەنبە :http://www.uighurboy.com


    收藏到:Del.icio.us




    • 评论

    • ئۈچ تۈرلۈك ياردەم لازىم ؟
      1.
      (بۇيەردە مەخسۇس كۆڭۈل ئېچىش تېپىدىكى ئەمەس بەلكى ماقالە ئەىسەريوللاش.. تور ئارقىلىڭ پۇل تېپىش ۋە بىلىم ئېلىش مەخسەت قىلىنغان بىلوگ كۆزدە تۇتۇلىدۇ)
      ئۇيغۇر بىلوگىرلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ بلوگ تاللاش .. ياخشى بىلوگ تېپىش... ئىشەنچىلىكمۇ ياكى ؟؟ دىگەندەك سۇئاللار؟؟ بارغان سېرى كۆپەيمەكتە ھازىر شىنجاڭ لېنىياسىدىكلى مەھەللە تاقالغاندىن كېيىن شۇيەردە مەھەللىسى بار تورداشلار تەرەپ تەرەپكە چېچىلىپ كەتتى ... تورداشلارنىڭ ئىزدىنىشى ئارقىلىق www.blogbus.com نى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ئىشلىتىش ئاساسەن ئومۇملاشماقتا شۇقاتاردا مەنمۇ بىرنى تەلەپ قىلىپ ئىشلەتكەن ئېدىم ... مۇئاپىقىيەتلىك تەرجىمە قىلىپ eot ياساپ بلوگ قۇرۇغانمۇ بولدۇم .. بىراق بىر مەسىلە ساقلانماقتا ...مۇنبىرىمىزدە blogbusتىن بىلوە ئالغانلار ۋە توربەت ياساشتا بىلىمى بارلار باشقا بلوگلاردا بىلوگى بارلار ئاز ئەمەسقو دەيمەن شۇڭا ياردەم قىلساڭلار ... مەن ئەسىلىدىكى ئالام ئۇسلوبىنى ئازىراق ئۆزگەرتىپ ئىشلەتكەن ئېدىم ، مۇئاپىقىيەتىك بولغان .. بىراق قانچە تېما يوللىسام يوللىسام ھەممىسى باش بەتتە چىقىۋالدى بۇنداق بولسا باش بېتىم بەكلا ئۇزىراپ كېتىدىكەن .. بىرىنچى ئىككىنچى بەتلەر بولسا بولاتتى ھەر بەتتە 10-15كىچە تېما كۆرۈنھە بولاتتى .. نەدىن خاتالىق يۈز بەرگەندۇ ؟؟؟ بۇ يەردىن بىلوگىمنى كۆرۈپ بېقىڭ!
      2. تەييار ئۇسلوبنى ..( مەسىلەن مېنىڭ ماشىنام .. ئاقنان ... ئالما ياكى كۈندىلىك خاتىرە دىگەندەك ) نەدىن چۈشۈرۈمەن ... قايسى دېتالدا ئۆزگەرتىمەن ؟؟ تەرجىمە قىلىشنى ئۆزۈم قىلىپ كېتىشىم مۇمكىن . ماڭا كۆك.. قارا، ئاق ،سېرىق ، ئۇسلوبلار لازىم ئېدى ... ئۆزگەرتىپ تەييار قىلىنغىنى ئەمەس .. blogbusنىڭ سېستىما تەمىنلىگەن ئۇسلوبلىرى بولسىمۇڭ بولىدۇ .. بىراق قانداق چۈشۈرۈمەن ؟؟
      3. بەزى تورداشلار xxx.cn xxx.net دىگەندەك تورنامىنى ئىلتىماس قىلىپ ئۆز بلوگىنى ئۇلىنىش قىلىپ قويىدىكەن .. بۇ نامنى نەدىن تەلەپ قىلىمەن ؟؟؟ مەسىلەن بۇ بەتنى چېكىپ بېقىڭلار www.tawlan.net دىگەندەك بۇ شىنجاڭ ئۇچۇر تورى تەمىنلىەەن بلوگقا ئۇلىنىدۇ ؟؟؟ ئەسلى ئادىرىسى بۇ http://blog.78.la/u/natik/index.html مۇشۇ توغرىسىدا ياردەم سورىماقچى ئېدىم ياردەم قىلارسىلەر ؟؟؟ ھەم، قايسى بىلوگدا بولسۇن بلوگىرلار پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۇچۇن بۇ QQ توپىنى تەييار قىلدىم 51396189