بەخت نىمە ؟ - [ئەدەبىيات سەنئەت] |
بەخت نىمە ؟
سۇرالسا مۇبادا "بەخت نىمە " دەپ ،
بىرىدۇ ھەر قىسما جاۋابنى ھەر كىم .
يوق ئىكەن بەختنىڭ ئورتاق تەبىرى ،
شۇنداقتۇر ۋە ياكى ئەمەستۇر بەلكىم .
مىنىڭچە ئەمەس ئۇ ھىكايە-چۆچەك ،
ئەمەس ھەم ئەرزان كىلىنچەك .
ھەر كىم نىمىگە مۇھتاج بولسا بەك ،
ئىرىشسە ئۇنۇڭغا "بەخت" شۇ دىمەك .
مەنبە : خاتىرەم
